باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر

بېيىشنىڭ يولى كۆپ، كەڭ تاشا، «شاھانە»دە شاھلاردەك ياشا

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز

2014.10.17 10:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ــ بۇ مەنزىرە ئارامگاھىڭىزدىكى ئازادە نەقىشلىك تۆمۈر كارۋاتلارنى كىم ياسىغان؟

  ــ مەھەم تۆمۈرچى.

  ــ بۇ كۆركەم دەرۋازىنى ۋە ھويلىڭىزدىكى تۆمۈر كارۋاتنى كىم ياسىغان؟

  ــ مەھەم تۆمۈرچى.

  ــ بۇ كۆركەم قۇش قەپىسى ۋە ئاۋۇ ئۆزگىچە كەپتەر كاتىكىنى نەدىن ئالدىڭىز؟

  ــ مەھەم تۆمۈرچى ياسىغان.

  ــ پاھ! نېمانچە ئېسىل كاۋاپدان بۇ، نەدىن ئالدىڭىز؟

  ــ مەھەم تۆمۈرچى ياسىغان.

  بارغانلا يېرىمدە «شاھانە» دېگەن ماركا نەقشلەنگەن تۆمۈردىن ياسالغان سەنئەتلىك قۇرۇلۇش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىغىنىمدا كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇ خىل جاۋابقا ئېرىشتىم. ھازىر بۇ خىل تۆمۈر دەرۋازا، ئىشىك، رام...قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسايدىغان ئۇستاملار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بۇلارنى زىيارەت قىلىش ھاجەتسىز دەپ قاراپ كەپتىكەنمەن. بىراق مەھەم تۆمۈرچىنىڭ تەرىپى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىكى «شاھانە» دېگەن ماركا مەندە ئۇنى زىيارەت قىلىش ئىستىكى قوزغىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ بىر دېھقان تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدا مۇشۇ خىل كەسپتە داڭ چىقارغانلىقىغا خېلى قايىللىقىم بار ئىدى. ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى ئۇنى ئىزدەپ شايار ناھىيە بازىرىنىڭ «سايباغ» يولى بويىغا جايلاشقان ‹«شاھانە» قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى ياساش-كەپشەرلەش دۇكىنى›غا بارغىنىمدا، مەھەم تۆمۈرچى شاگىرتلىرى بىلەن دەرۋازا، كارۋات قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. كېلىپلا ئىش ئۈستىدىكى بۇ كاسپلارنى سۈرەتكە تارتتىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئىشىنى توختاتتى. بىز قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كېلىش مەقسىدىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ سەل خىجىل بولۇۋراق ماڭا ماسلاشتى.ــ مەن 1988-يىلدىن 1991-يىلغىچە ناھىيە بازىرىدىكى بىر تۆمۈرچى-كەپشەرچى ئۇستامدىن تۆمۈرچىلىك، كەپشەرچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ چاغلاردا كەتمەن، ئوتۇغۇچ، پالتا، قاغاتۇمشۇق قاتارلىق ئۇششاق نەرسىلەرنى ياسايتۇق ۋە ئادەتتىكى كەپشەرچىلىك ئىشلىرىنى قىلاتتۇق ــ دەپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى ئۇ.

  كىشىلەر «مەھەم تۆمۈرچى»دەپ ئاتايدىغان 37 ياشلىق ئۇستامنىڭ ئەسلى ئىسمى مەھەم ئاۋۇت بولۇپ، ئەسلىدە ناھىيەنىڭ گۈلباغ يېزا كىچىك گۈلباغ كەنت 1-مەھەللىسىدىكى دېھقان ئىكەن، كەنت ۋە مەھەللە ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتاش ئىدى. مەھەم ئاۋۇت ئۆز كەسپىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرش ئۈچۈن 1992-يىلدىن باشلاپ ناھىيە بازىرىدىكى بىر رام-ئىشىك ياساش شىركىتىدە بىر قانچە يىل ئىشلەپ، تېخنىكىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپتۇ.ئۇ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كېلىپ، 2002-يىلى ناھىيە بازىرىدىكى ئۆيىگە يېقىن بولغان ھازىرقى جايدىن 80 كۋادىراتمېتىرلىق دۇكان ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ، 4مىڭ يۈەن دەسمىي بىلەن بۇ قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى ياساش-كەپشەرلەش دۇكىنى ئاچقان ئىكەن.ئۇ دۇكان ئاچقاندىن كېيىن مۇلازىمەتتە ئەلا بولۇپ، ئىش سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. پات-پات سىرتقا چىقىپ يۇرت ئارىلاپ، بازار-جەمئىيەت كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆزى قىلىۋاتقان كەسپ جەھەتتىكى يېڭىلىقلارنى، كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. ئىشىك، رام، دەرۋازا قاتارلىق بىر قانچە خىل بىناكارلىق قۇرۇلۇش بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەر خىل قۇرۇلۇش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش، نۇسخا، نەقىش ۋە سىرلىرىنى ئىجادىي ھالدا سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خېرىدارلارنى تېزلا جەلب قىلدى. كىشىلەرنىڭ ئىلغار تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىنتىلىش روھى ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلىشى مەھەم ئاۋۇتقا تېخىمۇ ياخشى بازار پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭ نەزەر دائىرسى كېڭىيىپ، تېخنىكىسى ئۆسكەنسېرى ياسايدىغان نەرسىلىرىمۇ تۆمۈر زاكو، كۆۋرۈك، چوڭ-كىچىك رىشاتكا، پەلەمپەي، تۆمۈر مۇنارلىق ئۆي، بىر ۋە كۆپ كىشىلىك ئورۇندۇق، بۆشۈك، كەپتەر كاتىكى، ھەر خىل قۇش قەپىسى قاتارلىق 30خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ياسايدىغان بولدى.

  ئۇ ئۆزىنىڭ كەپە ئۆيىگە ياسىۋالغان ئۈچ قەۋەتلىك تۆمۈر مۇنار ئۆي ھويلىسىغا ئاجايىب ياراشقانىدى. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ ئۆزى لايىھەلەپ ياسىغان كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىر ماتور ئارقىلىق ئاپتوماتىك تەۋىرىنىدىغان، mp3لىك، نەقىشلىك تۆمۈر بۆشۈك بولدى. بۇ جەھەتتە ئۇنى كەشپىياتچى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمىگىدەك دەپ ئويلىدىم.

  مەھەم ئاۋۇت ئۆز كەسپىدە بەلگىلىك نەتىجە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 3-ئايدا دۇكىنىغا «شاھانە» دېگەن نامنى مەھسۇلات ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپتۇ. زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ يۈسۈپ ئېزىز، لوقمان ئاۋۇت ئىسىملىك ئىككى شاگىرتى بىلەن سۆھبەتلەشتىم.

  ــ مەن قىزىلبايراق بازىرىنىڭ گۈزەل كەنتىدىكى بىر دېھقان بالىسى. مەھەم ئۇستامدىن 2004-يىلدىن 2007-يىلغىچە ھۈنەر ئۆگەنگەن. 2007-يىلدىن بۇيان ئايدا 3 مىڭ يۈەن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىمەن. تاماق، ياتىقىمنى كۆتۈرىدۇ ــ دېدى يۈسۈپ ئېزىز.

  ــ مەن نۇرباغ يېزا قوشدۆڭ كەنتىدىن. 2007-يىلى مەھەم ئۇستامغا شاگىرت بولۇپ كىرگەن. 2010-يىلدىن بۇيان ئايدا 3مىڭ يۈەن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىمەن. مۇشۇ يەردە ئىشلەپ پۇل تېپىپ، بۇلتۇر 4-ئايدا ئۆيلىنىۋالدىم. ئۆي بەردى. تاماقنى كۆتۈرىدۇ. تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ئۆتىۋاتىدۇ ــ دېدى لوقمان ئاۋۇت.مەھەم ئاۋۇت ھازىرغىچە 12 شاگىرت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھازىر مۇشۇ كەسپتىن نان تېپىپ يەۋېتىپتۇ. ھازىر يېنىدا ئۆزى تەربىيەلىگەن شاگىرتتىن بەشىنى تاماق، ياتىقىنى كۆتۈرۈپ 3مىڭ يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە مائاش بېرىپ ئىشلىتىۋېتىپتۇ.مەھەم ئاۋۇتنىڭ ھازىرقى مۇقىم مۈلكى 80 مىڭ يۈەنگە، يىللىق ساپ پايدىسى 180مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

  مەھەم ئاۋۇت ئۆزى بېيىغاندا جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. مەھەللىسىنىڭ ئاساسلىق كوچىسىدىكى ئۆستەڭنىڭ كونىراپ خەتەرلىك بولۇپ قالغان بىر ياغاچ كۆۋرۈكىنىڭ ئورنىغا ئۆز يېنىدىن 22 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ تۆمۈر ئورۇندۇقلۇق بېتون كۆۋرۈك سالدۇرۇپ بېرىپتۇ. غېرىپ، ئاجىزلارغا ئۇن، گۈرۈچ، پۇل ياردەم قىلغاندىن باشقا، نەرسە-كېرەك بۇيرۇتسا ماتېرىيال پۇلى ئالماي ياساپ بېرىپتۇ. ھازىرغىچە ئاپەت رايونلىرىغا 15 مىڭ يۈەنگە يېقىن نەق پۇل ياردەم قىپتۇ. ئۇنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كەسپتە راۋاج تېپىپ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگەن ئۈلگىلىك روھىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم ۋە« بېيىشنىڭ يولى كۆپ، كەڭ تاشا،‹شاھانە› دە شاھلاردەك ياشا!› دەپ تىلەك تىلىدىم ئىچىمدە.باي ناھىيەسىدىكى تىببىي خادىملار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جېڭىگە ئاتلاندى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باي ناھىيەسىدىكى ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ خادىملار «ﺋﯩﻠﯩﻢ ـ ﭘﻪﻧﮕﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎتلىقنى ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ، ﮬﺎﻳﺎتلىقنى ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ» ﺩﻩﯞﺭ ﺑﺎﺵ تېمىسىنى ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، «ﺋﻪﺳﻪبىيلىكنى ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ» ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰىسىنى ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭمىچىلىكىنى ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺗﻮﺳﯘﭖ، «ئەسەبىيلىكنى ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ» ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯧﯖﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ۋەدە بىرىپ قەسەم بەردى ۋە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، «ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘچىسى» ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪتنى ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩدىغانلىقلىرىنى نامايەن قىلىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر