باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

ياش شائىر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

2013.10.25 09:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ 1976-ﻳﯩﻞ 12- ﯪﻳﻨﯩﯔ 16- ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮى قارىۋاي مەھەللىسىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1983- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1996- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپ، 14-ئوتتۇرا مەكتەپ،5 -ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇشىنى ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ << ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ >> ژۇرنىلى ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪھرىر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

  ﯰ 1992- ﻳﯩﻠﻰ << ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ >> ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ << ﯲﺯﯛﻡ ﯮﻳﻐﯩﻨﺎﻱ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ھاﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 200 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، 50 ﭘﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﯪﺋﯩﺖ ماقالىلىرى ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 20پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە خەنزۇ ئوبزورچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. قازاقىستاندا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە «مەرىپەت »، «ئىنتىزار» ژۇرناللىرىدا بىرتۈركۇم شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، شېئىرلىرى ۋە ئىجادىى ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻧﻨﯩﯔ «ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ»، «كىتابلىرىمنى كۆيدۈرۈۋەتتىم»، «ﺳﯘ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ»، ‹‹يالغۇزلۇقۇم ئېسە قىلغاندا» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ مۇكاپاتلانغان ۋە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

  2012-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «كەشتە يوپۇرماق»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. 2013-يىلى «كەشتە يوپۇرماق» ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا «ئىلى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

  ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻫھازىر جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ توختاملىق يازغۇچىسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر