باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شەخسىلەر

يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇر

2013.01.15 16:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951-يىلدىن 1956-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «مۇراد» مەكتەپتە، 1956-يىلدىن 1962-يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1962-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1967-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل مەمۇرىي ئورگانلاردا كادىر، 1979-يىلدىن تارتىپ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. مەمتىمىن ھوشۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1965-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئالما» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ پروزا ساھەسىگە يېڭىچە بىر خىل ھاياتىي كۈچ بىلەن كىرىپ، ھازىرغىچە «ناخشا»، «بۇ، چۈش ئەمەس»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «ئايخان»، «ساراڭ»، «بۇرۇت ماجراسى»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى؛ «نۇزۇگۇم>، «ساۋاقداشلار»، «سالام، ھېسام ئاكا»، «خاسىيەتلىك قار» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سيۇژىتى قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى تەبىئىي ھەم يېڭىچە، تىلى راۋان. كۈلكە-ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەبىئىي ھەمراھى، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

  مەمتىمىن ھوشۇر پروزا ئىجادىيىتى باشقا، ئەدەبىي ئوبزور، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئاجايىپ تۇرمۇش، غەلىتە مەنتىقە»، «10 يىللىق ھېكايە ئىجادىيىتىمىز» قاتارلىق ماقلىلەرنى، «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسىنى يازغان، «ئىھ، 15 ياشلىق خالىدەم» قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھاىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «نەي ئاۋازى» (1982-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «كونا-يېڭى ئىشلار» (ئېزىز ساۋۇت بىلەن بىللە، 1986-يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، «سالام، ھېسام ئاكا» (1990-يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «بۇ، چۈش ئەمەس» (1991-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (1991-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسى، «ئۆلۈككە يېزىلغان خەت» (1993-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «قۇم باسقان شەھەر» (1996-يىل، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. مەمتىمىن ھوشۇر ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

  مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە