باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شەخسىلەر

شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى(1)

2012.07.29 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى(ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان "ياز بىر سۈيقەست"، "ئارىلىق" دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى خېيلوڭجىياڭ خەلق خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى نەشر قىلغان "ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر" دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى "يۈرەكسىز سۆيگۈ"(1996)،"قەشقەردىكى يەر شارى"(2000) قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى ئۇنىڭ «غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دېگەن كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. تاھىر ھامۇتنىڭ "جەنۇبقا سەپەر" ۋە "93 قۇربان ھېيت ھارپىسى" ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ئەسەبىي ئات" (Crazyhorse) ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللى ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانى (ئومۇمىي79-سانى)دا ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما شەكىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇ ژۇرنالغا تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تاھىر ھامۇتنى " ئۇيغۇر مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى" دەپ ئاتىغان. تاھىر ھامۇتنىڭ "قەشقەرگە قايتىش" ناملىق يەنە بىر پارچە شېئىرىنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ئەدەبىيات ژۇرنىلى "دېڭىز قولتۇقى قىرغىقى"((Gulfcoastنىڭ 2012-يىللىق 24-سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە تەرجىمىھالى بېرىلگەن. تاھىر ھامۇت 1998-يىلدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كىرىپ، كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، ھۆججەتلىك فىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت فىلىمى ۋە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان. 2007-يىلىدىن باشلاپ تەكلىپلىك پروففېسسور سۈپىتىدە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تېلېۋىيە-دراما فاكولتېتىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ 2009-يىلى شىنجاڭ ئىزگىل كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنى قۇرغان، ھازىر شۇ شىركەتتە ئىشلەيدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە