باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسىلەر

يازغۇچى، شائىر پەرھات ئىلياس

2011.11.25 11:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەرھات ئىلياس 1964 – يىلى تۇغۇلغان. 1982 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ماتېماتىكا، تىلشۇناسلىق كەسپلىرىدە ئوقۇغان. 1987 – يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتەپ، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك بۆلۈمى، ئوقۇپ تەكشۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلەپ كەلگەن. پەرھات ئىلياس جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى.

  پەرھات ئىلياس 80 – يىللاردىكى يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، «چوغ سورىغان بالا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «غالىب تەشۋىشلەر» ناملىق شېئىر، نەسر، ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.ئۇ يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «قومۇشلۇقتىن باشلانغان يوللار»، «ئارمانلار يېلىنجايدۇ» ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى ھەمدە «كرورانلىق بالىلار» ناملىق ئۈچ توملۇق بالىلار رومانى نەشر قىلىنغان.

  پەرھات ئىلياس يەنە شېئىر تەرجىمىچىلىكىدىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان. ئۇ «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن 13 يىل مابەينىدە ئاساسلىق زېھنىنى دۇنيا شېئىرىيىتىنى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشقا قارىتىپ، چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش، تەھرىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزىمۇ كۆپلەپ تەرجىمە قىلغان ھەمدە «يارىلانغان يۈرەك» ناملىق چەت ئەل شېئىرلىرى توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.

  ئۇ يۇقىرقى ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، شىنجاڭ ياش ئەدىبلەر مۇكاپاتىغا، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت تۇلپار مۇكاپاتىغا ۋە مەملىكەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ سىنارىيسىنى يېزىپ بەرگەن «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق كومىدىيىلىك فىلىم تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر