باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئۆمەرجان سىدىقنىڭ تەرجىمىھالى
2010.03.28 16:43    
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      

  ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ- 1971 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﮕﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. 1992 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﭘﯩﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. شۇنىڭدىن بۇيان ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ئىدارىسىدە مۇخبىر، مۇھەررىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪپ كەلمەكتە. ﺋﯘ 2009- ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺋﺎﻟﯩﻲ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻐﺎ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘدﯨﺮ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﻳﺎﺷلار ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴىنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪشنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ.

  ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗلاردا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪدەر 800 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ۋە ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن ( رازاق ﺗﯚﻣﯜر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ) «ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻞ ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﺎﺗﻪش ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎب ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘ ﻳﺎزﻏﺎن «ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪن دﯨﻠﺪار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ 2001 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، «ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏلاﻧﻠﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭼﻮڭ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻜﻰ 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻨﻐﺎن. بۇ كىتاب ھەققىدە تۇرپاندا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتورغا تون كىيگۈزۈلگەن. «ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ 4-ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2004-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن. 2005-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ 5-ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ «ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ زﯦﻤﯩﻦ -ﺗﯘرﭘﺎن»، 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا 6 - ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ «ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ»ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﺪى. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﺪا ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ - ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮش ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎل ﻗﻮﻟلاﻧﻤﺎ «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰ» ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ «ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﻤﯩﺰ ۋەدە» ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮون ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلار ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻳﯜرەﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﻳﻪر ﺷﺎرى»، «ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪس ﺋﯩﺰلار»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى» ، «ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ 40 ﻳﯩﻞ»، «ﻳﯜرەك ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ»، «ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﮔﯘم ﭘﻪﺳﻠﻰ»، «ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻮﭘلاﻣلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﻳﺎرﻏﻮل ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮى»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 4 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏﻠﻰ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 6 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە <3 ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر> » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن «ﻣﻪرﯨﭙﻪت»(ﺳلاۋﯨﻴﺎﻧﭽﻪ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 8 - ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﺪا ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ - ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪت 4 - ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﯚت ﭘﺎرﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮى ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﺳﻪﻳﻴﺎھ، ﺷﺎﺋﯩﺮ دۇرﺳﯘن ﺋﯚزدەن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ «ﻗﺎﻳﻨﺎق» ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﯜرﻛﭽﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻛﺎرﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪر»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﻛﺎرﯨﺰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن. ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن «ﺋﻮت ﻳﯘرﺗﻰ ﺋﻪدﯨﺒﻠﯩﺮى»، «ﻛﯩﺘﺎﺑلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﮬﺒﻪت»، «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ»، «ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚز»، «ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت»، «ﺑﯧﺰەﻛﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﺰارى»، «ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮدﯨﻴﯩﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩلاردا ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن، «ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ»، «ﺋﯩﺸﭽﯩلار ۋاﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﺗﯘرﭘﺎن ژۇرﻧﯩﻠﻰ»، «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮى» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ- ژۇرﻧﺎﻟلاردا ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن. ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎن، ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﺎﮬﺎر»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﻧﺎۋاﺳﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن 2008 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺑﻪدﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﺎ ﺑﺎﮬﺎر»ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ DCV ﭘلاﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. 30 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ رادﯨﺌﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪردە ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن.



1】  【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved