ئىتالىيەچە ئەنئەنىۋى پېچىنە ___ تىرامىسۇ

2019.08.26 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى بىر رېستۇراندا تارتىلغان بىر پارچە ئەنئەنىۋى تەمدىكى تىرامىسۇ. تىرامىسۇ ئىتالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تاتلىق يېمەكلىكى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئەنئەنىۋى ئىتالىيىچە تىرامىسۇ ماسكاپېن ئىرىمچىكى، بارماق پىرەنىكى، تۇخۇم سېرىقى، قەھۋە، كاكائو پاراشوكى قاتارلىق خام ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. قەھۋەگە چىلانغان بارماق پىرەنىكى بىلەن ئىرىمچىك ئۇمىچى بىر-بىرىگە قاتلانغان ھالەتتە تىزىلىدۇ، ئەڭ ئۈستىگە قەھۋە پاراشوكى سېپىلىدۇ، ئاندىن ئازراق ئېزىلگەن شاكىلات سېپىلىدۇ؛ بىر قوشۇق ئېلىپ ئېغىزغا سالغاندا، ئىرىمچىكنىڭ تولۇق ھەم سىلىقلىقى نەمخۇش بارماق پىرەنىكنىڭ دانچە سېزىمى بىلەن ئارىلىشىپ ئەمدىلا تاتلىق سەزگۈ تۇيغۇسى بېرىشىگىلا، قەھۋەنىڭ ئاچچىق–چۈچۈك تەمى بىلەن دەرھال تەڭپۇڭلىشىدۇ. ئەنئەنىۋى تەم، پىستە تەمىدىن باشقا يەنە ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ تەمىدىكى تىرامىسۇمۇ بارغانسېرى كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  چېڭ تىڭتىڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ