گۈيجۇ شۈيچېڭدىكى «23-ئىيۇل» تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەسىدە 38 ئادەم قازا قىلدى، 13 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى

2019.07.30 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر گۈيجۇنىڭ شۈيچېڭ شەھىرىدىكى «23-ئىيۇل» تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇماقتا (25-ئىيۇل فوتوسى). گۇيجۇ شۈيچېڭدىكى «23-ئىيۇل» تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەسى جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 29-ئىيۇل سائەت 11گىچە، نەق مەيداندا 49 ئادەم ئىزدەپ تېپىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 ئادەم ھايات بولۇپ، دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان، قالغان 38 ئادەم قازا قىلغان. ئۇندىن باشقا 13 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 21 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرى شۈيچېڭ ناھىيەسى جىچاڭ بازىرى پىڭدى كەنتى چاۋگۇ مەھەللىسىدە تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، تاغنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى 21 كورپۇس ئۆي كۆمۈلۈپ قالغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شى فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ