غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئېقىن سۇ كىشىگە بىر ياز ئارامبەخش بېغىشلايدۇ

2019.07.23 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تومۇز ياز پەسلى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى توغراسۇ يايلىقى 5-كېلىن جىلغىسىدىكى ئالتۇن جىلغىدا بىر ئېقىن سۇ بار، سۈزۈك بۇلاق سۈيى ئەلۋەك، سوغۇق ۋە سالقىن. تىك تاش پەلەمپەينى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ ماڭغان يول ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، جىلغىنىڭ تېگىدىكى دەريا سۈيى سۈزۈك، سۇ ھەم جىددىي ئاقىدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى تىك قىيالار، تىك قىيادىكى شەمشادلار تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئورمانلىقتا قۇشلارنىڭ سايرىشى يېقىملىق ئاڭلىنىپ، ئېقىن سۇ ئاۋازى بىلەن ئارىلىشىپ، جانلىق مېلودىيەنى ياڭرىتىدۇ. تاغ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بۇ جەننەت ماكان كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، روھىنى ئەسىر قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ