خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى باقمىچىلىق مەيدانى توقاي كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئېتىز، مايسىلار ۋە يىراقتىكى قارلىق تاغ بىرلىشىپ ئاجايىپ ھالەتنى شەكىللەندۈردى (5- ئاينىڭ 21- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
يېقىندا، ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى كۆچەت تىكىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. پارچە-پارچە شاللىققا سۇ قويۇلۇپ ئەينەكتەك بولۇپ كەتتى، ئېتىز-ئېرىق ئارىلىقىدىكى ئىھاتە ئورمانلارنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرى قويۇق بولۇپ، يىراقتىكى قارلىق تاغلار خىرە كۆرۈنۈپ، خۇددى يەر ئۈستىگە ياتقۇزۇلغان بىر پارچە ئېكولوگىيە ئەسىرىگە ئوخشاپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى