- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۈرەتلىك خەۋەر
2017.10.27 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن موسكۋا ئاۋىياتسىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان "جۇڭگو-رۇسىيە بىرلەشمە تەتقىقات يۇرتى"نىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل 9- ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى 29 نەپەر رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى ۋە 23 نەپەر جۇڭگولۇق قوش ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئوقۇشقا كىردى. بۇ، جۇڭگو- رۇسىيە خەلقئارا ھەمكارلىق مەكتىپى قۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، 2018- يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى- موسكۋا ئاۋىياتسىيە ئىنستىتۇتى قوش باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانى سىنىپىغا تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.
سۈرەتتە: تۇنجى نۆۋەتلىك قوش ماگىستىرلىق ئۇنۋانى سىنىپىدىكى جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئوقۇغۇچىلىرى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر