خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1955-يىلى 9- ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوردېن بېرىش، ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ جوڭنەنخەيدىكى خۈەيرېن زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
سۈرەتتە: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشال ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقى» بويىچە جۇ دېغا مارشال ئۇنۋانى بەرمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).
«شۇ قېتىملىق ئۇنۋان بېرىشتە جەمئىي 10 مارشال، 10 گېنېرال ئارمىيە، 55 گېنېرال پولكوۋنىك، 175 گېنېرال لېيتىنانت، 800دىن ئارتۇق گېنېرال مايور باھالاپ چىقىلدى». 1955- يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، 38 ياشلىق شياڭ شۇجىغا گېنېرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇ يىلدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈش بۇ يىل 100 ياشقا كىرگەن شياڭ شۇجىنىڭ كۆڭلىدە خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ناھايىتى ئېنىق، ئۇ: «ئۇنۋان بېرىش، ئوردېن بېرىش خەلق قوشۇنىنىڭ كۆلەملىشىش، زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، يېڭى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلدى»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى