خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا، سامبا ئۇسسۇلى ئالاھىدە گۇرۇپپىسى مەكتەپ گۈزەللىرى زىننەت ئاپتۇموبىلىدا سەييارە پائالىيەتكە قاتناشماقتا. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، 2017-يىللىق رىئودې ژانېيرو شادلىق بايرىمى 3–كۈنىگە قەدەم قويدى. رىئودې ژانېيرو شادلىق بايرىمىنىڭ سەۋىيەسىگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئالاھىدە گۇرۇپپا سامبا ئۇسسۇل مەكتىپى رىئودى ژانېيرودىكى سامبا يولىدا زىننەت ئاپتوموبىل سەييارە پائالىيىتىنى باشلىدى، ئارتىسلارنىڭ يامغۇردا ئورۇنلىغان نومۇرلىرى شادلىق بايرىمىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى