سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا لوس- ئانژېلىستىكى ھوللىۋود دۇبى تىياتىرخانىسىدا، «ئارزۇ شەھىرى» ۋە «ئاي نۇرى» ناملىق فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوسكار تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇكاپاتنى خاتا تارقىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە كىنو ئىلمى ئىنستىتۇتى «ئاي نۇرى» ناملىق فىلىمنىڭ 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
شۇ كۈنى مۇكاپات تارقاتقۇچى ئەڭ ياخشى فىلىمنى ئېلان قىلغاندا «ئارزۇ شەھىرى» ناملىق فىلىمنىڭ ئىسمىنى جاكارلىدى. «ئارزۇ شەھىرى» فىلىمى گۇرۇپپىسىدىكىلەر سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئېلىپ ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سۆزى قىلىۋاتقاندا، خاتالىق يۈز بەرگەنلىكى بايقالدى، ئەڭ ياخشى فىلىم ئەمەلىيەتتە «ئاي نۇرى» ناملىق فىلىم ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى