سۈرەتتە: 2- فېۋرال، ياۋ مىڭ (ئالدىنقى رەت سولدىن ئۈچىنچى) ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خيۇستون شەھىرىنىڭ باشلىقى تۇرنېرا (ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنچى) بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ كۈنى، خيۇستون شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسىدا، شەھەر باشلىقى تۇرنېرا ياۋ مىڭنىڭ كېلىشى ئۈچۈن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھەمدە 2- فېۋرال «ياۋ مىڭ كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇرنېرا يەنە ياۋ مىڭ داۋاملىق خيۇستوننىڭ دوستلۇق باش ئەلچىسى بولۇشنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خيۇستون راكېتا كوماندىسى 3- فېۋرال ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن 11- نومۇرلۇق توپ كىيىمنىڭ چېكىنىپ چىقىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ياۋ مىڭ 31- يانۋار ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خيۇستون يېتىپ كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى