خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 15-كۈنى، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 38-نۆۋەتلىك قاھىرە خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگولۇق رېژىسسور جيا جاڭكې (ئوتتۇرىدا)غا كىنو مۇنەۋەر سەنئەت نەتىجە مۇكاپاتى بېرىلدى.
قاھىرە خەلقئارا كىنو بايرىمى 1976-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا A دەرىجىلىك كىنو بايرىمىنىڭ بىرى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى مۇھىم خەلقئارا كىنو بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمى 24-نويابىر ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا 61 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 204 فىلىم قويۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى