خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئۆكتەبىر، ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى شۈندې بىناسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. شۇ كۈنى، ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش EMBA دەرسخانا پائالىيىتىدە، «كارخانىچىلار روھى ۋە كەلگۈسى» دېگەن ئاساسىي تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. نەق مەيداندا نەچچە يۈزلىگەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش EMBA ئوقۇغۇچىلىرى ما يۈن بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى