باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا قوش يىللىق سەنئەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

2016.10.08 15:10   مەنبە: خەلق تورى

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا قوش يىللىق سەنئەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئۆكتەبىردىن 31- ئۆكتەبىرگىچە، « سەنئەت بىلەن پەننىڭ سۆھبىتى » 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا قوش يىللىق سەنئەت كۆرگەزمىسى خوڭمىي گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قوش يىللىق سەنئەت كۆرگەزمىسىنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى قانات يايدۇرغان، ئاساسىي كۆرگەزمە « سەنئەت بىلەن پەننىڭ سۆھبىتى »نى باش تېما قىلغان بولۇپ، « پەن - تېخنىكا ۋە ئەقىل »، « ئېكولوگىيە ۋە ئولتۇراقلىشىش » ، « ئۇچۇر ۋە ئەقلىي ئىقتىدار » ، « تەبىئەت ۋە ھاياتلىق »تىن ئىبارەت تۆت چوڭ تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كۆرگەزمىگە 28 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، چەت ئەل ئەسەرلىرىدىن يەتتە پارچە، شىنجاڭدىن ئۈچ پارچە ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەسەرلەردىن 21 پارچە بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ
    ·غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى شىنج…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغى…
    ·«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ  
    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ