خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن، ماشىنا ئادەمنىڭ ئۇسسۇلى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت «12-بەش يىللىق يىرىك پىلان» مەزگىلىدىكى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى كۆرگەزمىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئېكسكۇرسىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كەلگۈسىنى يېتەكلەش» بولۇپ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى