خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ماي كېچىدە، نۇر چاقناپ تۇرغان بىر بېزەكلىك سەيلە كېمىسى ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ، كورلا شەھىرىدىكى ئاققۇ دەرياسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى، دەريانىڭ ئىككى قاسنىقىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، سانجاق - سانجاق بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
2016- يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى . كورلا نەشپۈتى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 4 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك باشلانغاندىن بۇيان، كورلا ئۆزگىچە نەشپۈت مەدەنىيىتى، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسى، مول ماددىي بايلىقلىرى، گۈزەل شەھەر مەنزىرىسى بىلەن روشەن ئۆرپ - ئادەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ نەشپۈت مەدەنىيەت ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، « قورۇل سىرتىدىكى مەرۋايىت — نەشپۈت شەھىرى» شەھەر ساياھەتچىلىكى ئۆزگىچە ئوبرازىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى