باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يىپەك يولىدىكى يەلكەن: يەتتە ئۆلكىنىڭ 200دىن ئارتۇق نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى

2016.04.27 16:06   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

يىپەك يولىدىكى يەلكەن: يەتتە ئۆلكىنىڭ 200دىن ئارتۇق نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى

  يەتتە ئۆلكىدىكى داڭلىق مۇزېيلاردىن كەلتۈرۈلگەن 226 دانە نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى 26-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2-قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا ئېلىپ كېلىنىپ، «ساندۇق ئېچىپ، بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇش» خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، خەينەن ئۆلكىلىك مۇزېي، نەنجىڭ ئۆلكىلىك مۇزېي، فۇجيەن ئۆلكىلىك مۇزېي، جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزېي قاتارلىق يەتتە ئۆلكىدىكى مۇزېي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولىدىكى يەلكەن» ـــ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يەتتە ئۆلكە بىرلەشمە كۆرگەزمىسى 30-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلانغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كۆرگەزمە ۋاقىتچانلىق بويىچە تەرتىپكە تىزىلغان بولۇپ، «مىڭ يىللىق دېڭىز سەپىرى . دۇنياۋى تەسىر» قاتارلىق تۆت بۆلەككە ئايرىلغان، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار سۇدىن، توپىدىن چىققان بۇيۇملارنى ئاساس قىلغان ھالدا يىپەك، ساپال بۇيۇملار، فارفور بۇيۇملار، مىس بۇيۇملار، تامغا، خۇش بۇي ماددىلار، ئەينەك بۇيۇملار، پۇل قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنىڭ شەكىللىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …