خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قارا تەنلىك ئارتىس مورگان فرىمەن سەھنىگە چىقىپ ئەڭ نادىر كىنو مۇكاپاتىنى تارقاتتى، «نەزەر» ناملىق كىنو فىلىم ئىشلىگۈچىلەر جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى «چوڭ تاسادىپىيلىق» فىلىمى ۋە ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تىرىلگۈچى» ناملىق كىنونى يېڭىپ، ئوسكار ئەڭ نادىر كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ فىلىم ھەقىقىي ۋەقەلىكنى تەسۋىرىگەن بولۇپ، «بوستون يەرشارى گېزىتى»دىكى «نەزەر» خەۋەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەھرىر ۋە مۇخبىرلىرى ئامېرىكا كاتولىك دىنى پوپلىرىنىڭ بالىلارغا جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغانلىق سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغانلىق ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. مايكول كىتون، مارك رۇففالو، رېيچېل ماك ئادامىس قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ئورۇنلاش ماھارىتىنى ئىشقا سالدى، كىنونىڭ ئاددىي-ساددا بايان شەكلى يۈرەكنى تىترىتىدىغان روھىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.
ئەڭ نادىر كىنو نامزاتلىرى تۆۋەندىكىچە:
«تىرىلگۈچى»
«مارس ئادىمى»
« نەزەر»
«جاسۇس كۆۋرۈكى»
«ئەسەبىي مەكس: غالجىرلىق يولى»
«ئۆي»
«بۇرۇكلىن»
«چوڭ تاسادىپىيلىق»
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى