قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توشۇلغان يولۇچى مىقدارى 400 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %6.7 ئاشقان. ئۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈريولدا 47 مىليون 776 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇلۇپ، %6.1 ئاشقان؛ تاشيولدا 333 مىليون يولۇچى (قېتىم) توشۇلۇپ، %7.0 ئاشقان؛ سۇ يولىدا 10 مىليون 90 مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇلۇپ، %3.2 ئاشقان؛ ئاۋىياتسىيەدە 8 مىليون 544 مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇلۇپ، %2.9 ئاشقان.