باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

گۇاڭشىدىكى «بىر ئايالنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش ئورىكىگە چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلىش» دىلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى

نەننىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش باشقارمىسى 470 مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇلدى

2016.01.19 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى ۋەن فامىلىلىك ئايال قاتتىق يامغۇر ياغقان بىر كۈنى كەچتە ئېغىزى يوق سۇ چىقىرىۋېتىش ئورىكىگە چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى. قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قازا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا شەھەر مەمۇرىيەت باشقۇرۇش باشقارمىسى قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 477055 يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇلدى. شەھەر باشقۇرۇش باشقارمىسى قايىل بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇندى. يېقىندا نەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جەمئىيەت كەڭ كۆڭۈل بۆلگەن بۇ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر