پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئاممىسى نۆۋەتتە مىلاد بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، بىراق، شىمالىي قىسىمدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر بايرامنى ئانچە خۇشال ئۆتكۈزەلمىدى. ئەنگلىيەنىڭ شىمالىدىكى يوركشىر، لانكاشىر ۋە كامبرىيە قاتارلىق نۇرغۇن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كەلدى، ئاپەت رايونىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر بىخەتەر جايلارغا چىقىپ پاناھلاندى.