خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزا چىنەباغ كەنتىدىكى خۇيزۇ ئايال پاتىگۈل 2010 يىلى كەنتنىڭ ياردىمىدە 6.8 مو كۆلەمدىكى ئالتە پارنىكنى ھۆدىگە ئېلىپ، پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈپ، گۈلچىلىكتىن ئىقتىسادىي گۈللىنىپ، يېزا بويىچە ئاياللارنىڭ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.
پاتىگۈلنىڭ ھازىرقى پارنىكىدىكى گۈلنىڭ تۈرى 42 خىلدىن ئېشىپ، ئۇنىڭ ئۆستۈرگەن گۈللىرى كورلا شەھىرى، كۇچا، توقسۇ، شايار، باي قاتارلىق جايلاردىكى خېرىدارلارنىڭ زاكازلىق سېتىۋالدىغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. پاتىگۈلنىڭ مۇخبىرغا تۇنۇشتۇرۇشىچە، ئۇ گۈل پارنىكدا ئۆستۈرگەن گۈللىرىدىن يىلدا 850 تەشتەكتىن ئارتۇق گۈلنى زاكازلىق سېتىپ چىقىرىپ، 120 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئالىدىكەن.
سۈرەتتە: 20- دېكابىر پاتىگۈل (ئوتتۇرىدا) خېرىدارلارغا گۈللەرنىڭ تۈرىلىرىنى تۇنۇشتۇرماقتا.
مەنبە: خەلق تورى