خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-دېكابىر، چېگرا مۇداپىئە كوماندىر جەڭچىلىرى تاكتىكا مەشقى قىلماقتا. يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تۆۋەن تېمپىراتۇرالىق قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى بۆرتالا ئوبلاستلىق تارماق ئەترىتى ناچار ھاۋارايىدىن پايدىلىنىپ مەشقنى قانات يايدۇرۇپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى، كوللېكتىپ تاكتىكا مەشقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا مەشق قىلىپ، قىسىمنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى