باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ سوغۇق بازار›› چوڭ ھىنگاندىكى خۇجۇڭ بازىرى

2015.11.18 18:09   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ سوغۇق بازار›› چوڭ ھىنگاندىكى خۇجۇڭ بازىرى

  خەلق تورى، خاربىن، 17-نويابىر تېلېگراممىسى: سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا چوڭ ھىنگان رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى 17-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدىكى ـــ خۇجۇڭ بازىرى دابەيشەن كۈزىتىش پونكىتىدا تېمپېراتۇرا ℃38.6- بولغان، خۇجۇڭ بازىرىدا تېمپېراتۇرا ℃30-غا چۈشۈپ، بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ھاۋارايىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، خۇجۇڭ بازىرى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوڭ ھىنگان يىلىخۇلى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىختا بۇ جايدا ئەڭ سوغۇق بولغاندا تېمپېراتۇرا ℃53.2-كە چۈشكەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ جايدا يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃4.3-ئەتراپىدا بولىدىكەن، چۈنكى، ھەر يىلى تېمپېراتۇرا ℃40- ئەتراپىدا بولىدىغان ۋاقىت پەقەت 30 كۈن داۋاملىشىدىكەن، بۇ جاي ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ سوغۇق بازار›› دەپ نام ئالغان.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چوڭ ھىنگاننىڭ خۇجۇڭ رايونىدا تېمپېراتۇرا 17-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە ℃30-ئەتراپىدا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى
      ·قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى