بىلگىيە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئانالىزى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى 16-نويابىر كېچىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىگە كۆتۈرىدىغانلىقى ھەمدە پات يېقىندا بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىلگىيە بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىلگىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى 4-دەرىجە بولۇپ، 3-دەرىجە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 16-نويابىر تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندا بريۇسسېلدا قولغا ئېلىنغان يەتتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىككىسى پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىدۇ.