ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پۇل ياساش ۋە پۇل بېسىش ئىدارىسى جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان مايمۇن يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 18-نويابىردىن باشلاپ 2016-يىللىق مايمۇن مۆچىلىنى باش تېما قىلغان بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق ۋە ئىككى ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىككى خىل « سۆيۈنچە» قەغەز پۇل تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.