كىيىم لايىھەلىگۈچى دېببى ۋىڭھام يېقىندا ئەرەبىستانلىق سودىگەرنىڭ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە 1.8 مېتىرلىق چوڭ تورت لايىھەلىگەن بولۇپ، تورتقا 4000 دانە ئالماس قويۇلغان، بۇ تورتنىڭ قىممىتى 48 مىليون 500 مىڭ پوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 476 مىليون يۈەنگە تەڭ) غا تەڭ ئىكەن.
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تورتتا بىر قانچە مودېل سەھنىدە مېڭىۋاتقان، ئىككى تەرەپتە بىر قانچە تاماشىبىن ئولتۇرغان كۆرۈنۈش چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ كىيىمى ۋە ياسىنىشى ئوخشىمايدىكەن. بۇ تورتقا 120 كىلوگىرام شېكەر، 60 كىلوگىرام شاكىلات ئىشلىتىلگەن.