خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى بېيجىڭ ئولېمپىك باغچىسى مەركىزىي رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەيدانى قىلىنغان. قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن مەيدانى 21گېكتار، مەيدان ئىچىدىكى تاماشىبىنلار ئورنى تەخمىنەن 91مىڭ كىشىلىك. مەيداندا ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، مېيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنى، يېنىك ئاتلېكتا يىغىنى ۋە پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، قۇش چاڭگىسى بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ تىپتىكى مەيدانى بولۇپ قالدى ھەمدە بەلگە خارەكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى