خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سوۋېت-موڭغۇلىيە قەھرىمانلىرىنى خاتېرىلەش ئۈچۈن، 25-ئاۋغۇست جۇڭگو-موڭغۇلىيە-روسىيە ئۈچ دۆلەت ۋەكىللىرى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكوۋ شەھىرى جاڭبېي ناھىيەسىدىكى سوۋېت-موڭغۇلىيە قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا گۈل قويدى. موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سېدېڭزابۇ، روسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنىسوف، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىلىكى ۋەكىللىرى، جاڭجياكوۋ شەھىرى رەھبەرلىرى ۋە موڭغۇلىيەلىك كونا ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇ قېتىملىق خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى