خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 25-ئاۋغۇست كەچتە بېيجىڭ دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى «قۇش چاڭگىسى»دا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېنىك ئاتلېتكا بىرلەشمىسى دۇنيا يېنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يىراققا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۈچ نەپەر جۇڭگو ماھىرىنىڭ ھەممىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا ۋاڭ جيانەن 8.18مېتىرلىق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئاسىيا بويىچە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يىراققا سەكرەش تۈرىدە مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى ماھىر بولۇپ قالدى. گاۋ شىڭلوڭ 8.14مېتىر نەتىجە بىلەن 4-بولدى، لى جىنجې 8.10مېتىر نەتىجە بىلەن بەشىنچى بولدى.
ئەنگىلىيەلىك ماھىر رۇسىرفورد 8.41نەتىجە بىلەن چېمپيون بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى