بىر تۈركۈم سۇرىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەن شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاۋغۇست ۋېنگرىيە ۋە سېربىيەنىڭ چېگرا شەھەرلىرىگە كىرىپ، ئۇ ئارقىلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بارماقچى بولغان. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى گەرچە چېگرا رايونلارغا 175 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات تور ئورنىتىپ، سۇرىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسماقچى بولسىمۇ، بىراق، بۇ تەدبىر ئۇنچە ئۈنۈملۈك بولمىغان.