گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاۋغۇست گېرمانىيە خېيدېناۋدىكى بىر مۇساپىرلار مەركىزىنى زىيارەت قىلغان، بۇ مۇساپىرلار مەركىزى ئىلگىرى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات نامايىشىچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەخمىنەن 200 نامايىشچى بۇ ئەتراپقا يىغىلىۋېلىپ، گېرمانىيەنىڭ مۇساپىرلارنى پاناھىغا ئالغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە مېركىلغا قاراپ «ئاسىي، خائىن» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.