ئامېرىكا كولورادو ئىشتاتىدىكى بىر كىنوخانىدا يۈز بەرگەن، پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى قاتىل جامېس ھولمېس شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 26-ئاۋغۇست مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا رەسمىي ھۆكۈم قىلىندى، كېپىلگە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئۇ يەنە 3318 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ۋەقە بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى، يەنى 2012-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، 12 ئادەم قازا قىلغان، 70 ئادەم يارىلانغان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق دەۋا تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كولورادو ئىشتاتى ئالابوھو ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى كارلوس سامور 26-ئاۋغۇست سوتتا 27 ياشلىق روھىيەت ئىلمىي بويىچە ئاسپىرانت جامېس ھولمېسقا بېرىلگەن ھۆكۈمنامىنى ئوقۇغان.