جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تيەنئەنمېننىڭ ئالدى ۋە تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى تەرىپىدىكى يولغا ۋاقىتلىق كۆرۈش سۇپىسى ياسالدى، كۆرۈش سۇپىسىدىكى ئورۇندۇقلار ئوخشىمىغان رەڭلەر بىلەن ئايرىلغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.