ئىككى يېڭى ئەۋلاد چۆمۈچ يۇلتۇز يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان «ئۇزۇن سەپەر3- نۇمۇر ب \يىراققا سەپەر1- نۇمۇ» ناملىق توشۇغۇچى راكىتا 25- ئىيۇل شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلدى. شۇ كۈنى سائەت 20 دىن 29- مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ«ئۇزۇن سەپەر3- نۇمۇر ب \يىراققا سەپەر1- نۇمۇ» ناملىق توشۇغۇچى راكىتاسى ئىككى يېڭى ئەۋلاد چۆمۈچ يۇلتۇزى يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، 3.5 سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، «يىراققا سەپەر1- نۇمۇر» ئىككى سۈنئىي ھەمراھنى بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا يەتكۈزۈپ قويدى. بۇ قېتىملىق قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ چۆمۈچ يۇلتۇزى يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يەر شارىنى قاپلاش قۇرۇلۇش نىشانىغا يەنە بىر قەدەم ئېلىنغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى