خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 7-ئىيۇل، شىۋېيتسىيە پوچتىخانىسى «ئادەمسىز ئۇچقۇ تېز يوللانمىسى»نى سىناق قىلدى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتتە چەت رايونلار ۋە «جىددىي ئىشلار»نى تېز يەتكۈزىدىغان بىر تۈرلۈك مۇلازىمەت. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇ ئەڭ ئېغىر بولغاندا بىر كىلوگراملىق يوللانمىلارنى يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئېنېرگىيەسى 10 كىلومېتىر يول يۈرۈشكە يېتىدىكەن. ئادەمسىز ئۇچقۇدا يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇچۇش لىنىيەسى، بارىدىغان رايون قاتارلىقلارنى بۇلۇت ھېسابلاش يۇمتالى ئارقىلىق كونترول قىلىدىكەن.