خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى مەزگىللەردە مودا بولغان «قارامتۇل كۆك» ياكى «ئاقۇچ سېرىق» كۆينەك ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنە بىر پارچە كۆز مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، كۆز ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدىغان رەسىم پەيدا بولدى.
ئالدىنقى كۈنى چەتئەل تاراتقۇلىرى توردا ئىككى بىنا بار بىر پارچە سۆرەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سۆرەت تېزلىكتە تورلاردا مودا بولدى ھەمدە يەنە بىر مەيدان كەسكىن تالاش تارتىشقا سەۋەب بولدى. بەزىلەر ئوڭدىكى بىنا ئالدىدا دېسە، بەزىلەر سولدىكى بىنا ئالدىدا دېمەكتە. قېنى سىزمۇ قاراپ بېقىڭ، قايسى بىنا ئالدىدا، قايسىسى كەينىدە؟
مەنبە: خەلق تورى