ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرى، ئەنگلىيەدىكى 46 ياشلىق دانىئىل دېۈلىن ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېسىدە تۇتالمايدىكەن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئاۋازى ۋە ھەرىكىتىگە تايىنىپ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى پەرق ئېتەلەيدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، دانىئىل بىر رەسسام ئىكەن، لېكىن ئېچىنىشلىقى ئۇ ئەزەلدىن ئادەمنىڭ چىرايىنى ئېسىدە تۇتالمايدىكەن، ھەتتا ئۆزى بىلەن ئۇزۇن يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئايالى ۋە ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ چىرايىنىمۇ ئېسىدە تۇتالمايدىكەن. ئۇ پەقەت ئاۋازنى ئاڭلاپ ئاندىن كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، لېكىن بۇنداق قىلىش دائىم ئۇتۇقلۇق بولىۋەرمەيدىكەن، دانىئېل ئوغلىنى مەكتەپكە ئالغىلى بارغاندا دائىم باشقا بالىلارنى ئوغلى دەپ تونىۋىلىپ ئوساللىشىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، ھەر 50 ئادەم ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ چىراي قارىغۇسى كېسىلى بار ئىكەن، بۇنداق كېسەل ئېغىر بولغاندا ھەتتا جىسمنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن.