خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئاپرىل، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭ بەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 10580 نەپەر ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، جىڭخوڭ شەھىرىنىڭ سۇ چېچىش مەيدانىدا كۈنلۈك ئۇسسۇلى ئوينىدى. كۈنلۈك ئۇسسۇلى دەيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى دەيزۇلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى، يېڭى ئۆيگە كۆچۈش بايرىمى قاتارلىق خوشاللىق كۈنلىرى كەلگەندە دەيزۇلارنىڭ كۈنلۈك ئۇسسۇلى مەيدانى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى