تايلاند قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى يىڭلاك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا بېرىپ ئۆزىنى ئاقلىدى ھەمدە گۈرۈچ سېتىۋېلىش تۈرىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىغانلىقى ئىسپاتلايدىغان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇردى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى 1-ئاپرىل يىڭلاك تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى