جىلىن شەھىرىنىڭ جىلىن-ساۋشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بويىغا ياسالغان غايەت زور ‹‹ نۇر›› شۇ جاينىڭ مەنزىرىسىگە ئۆزگىچە ھۆسىن قوشتى .
غايەت زور ‹‹ نۇر ›› نى لايىھەلەشكە قاتناشقان شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتوتى ھەيكەلتاراشلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى خو شۇيىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ،بۇ ‹‹ نۇر›› داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 6 مېتىر، دىيامېتىرى 5 مېتىر، ئېغىرلىقى بەش توننا كېلىدىكەن. ‹‹ نۇر›› جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ‹‹ مۇز مايمۇن›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، قىش كۈنلىرى ئوينىلىدىغان ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئويۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .