باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

فرانسىيە تاراتقۇلىرى فۇكۇشىما ئارىلى كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى مەسخىرە قىلدى

2013.09.13 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 12-سېنتەبىر فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى، سەۋەبى مەلۇم بىر فرانسىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا بېسىلغان ھەجىۋىي رەسىمدە ياپونىيە فۇكۇشىما ئارىلى بىرىنچى يادرو ئېلېكتىر پونكىتىدا رادىئاتسىيە تارىلىپ كېتىش كرىزسىىدىن پايدىلىنىپ، ياپونىيەنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى غەلىبە قىلغانلىقنى مەسخىرە قىلىنغانىدى.

  ياپونىيە پايتەختى توكيو مۇشۇ ئايدا 2020-يىللىق يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە فۇكۇشىما ئارىلى يادرو بۇلغانما سۈيى چىقىپ كېتىش ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، توكيونىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا نىسبەتەن قارا كۆلەڭگە بولۇپ قالغانىدى. لېكىن ياپونىيە باش ۋەزىرى شېنزو ئابى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا فۇكۇشىما ئارىلىدىكى رادىئاتسىيە تارىلىپ كېتىش كرىزىسى «كونترول قىلىنغانلىقى» ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

  لېكىن فرانسىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى «ئۆردەك ئاۋازى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە ھەجىۋىي سۈرەتتە بۇ مەسىلىگە بولغان گۇمان ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى