بېلسا كۆلى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىدىكى قۇملۇق بىلەن ئورالغان كۆل. 9-ئايدىكى بېلسا كۆلى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ، كۆل بويىدىكى قىزىل يوپۇرماقلار بۇ جەننەت كەبى ماكاننى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق تۈستە بېزەيدۇ. قابا ناھىيەسىدىكى بېلسا كۆلى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مىڭ چاقىرىملىق سۈرەت كارىدورى ئىچىدىكى مۇھىم مەنزىرە رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، قابا ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، ئالتاي ئايرودرومىغا 260 كىلومېتىر، قاناس ئايرودرومىغا 150 كىلومېتىر، بېيتۈن ۋوگزالىغا 260 كىلومېتىر، شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 770 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ليۇ شىخې ماقالىسى ۋە فوتوسى