- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ سانجى شەھىرىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر قۇدۇق بايقالغان
2013.07.30 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەچچە كۈن ئىلگىرى سانجى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار سۇ تۇرۇبا يولى تورسىمان ئورىكى كولاۋاتقاندا بىر كونا قۇدۇقنى بايقىغان، بۇنىڭ بۇندىن 200يىل بۇرۇنقى چىڭ سۇلالىسى زامانىسىغا تەۋە قۇدۇق ئىكەنلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىنغان. قۇدۇق تېمى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەنىكەن.
7-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر قۇدۇق بايقالغان جايغا كەلگەن. تۇرۇبا يولى خەندىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 2مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرۇبا خەندىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكى دېئامېتىرى 1 مېتىر كېلىدىغان، ئۈستى ئاسفالت تاختاي بىلەن يېرىم يېپىلغان يۇمىلاق قۇدۇق ئىكەن. ئۆلچەش ئارقىلىق قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تېگىگىچە 6.2 مېتىر كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ھازىرقى قىزىل كاھىشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قۇدۇق ئاغزىدىن ئېلىۋېتىلگەن خىش ھەم چوڭ،ھەم ئېغىر چىققان، خىشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 27 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 12،5 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 6سانتىمېتىر بولۇپ، بىر تال خىشنىڭ ئۆزىلا 3.5 كېلوگرام كەلگەن.
سانجى شەھەرلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرىشى ئارقىلىق، بۇ قۇدۇقنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى بولغان چىڭ سۇلالىسى زامانىدىكى ئاشلىق ئامبىرى بىلەن بىر دەۋرگە تەۋە قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى، ئاشلىق ئامبىرىنىڭ قوشۇمچە قۇرۇلمىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئېگىلىنىشىچە چىڭ سۇلالىسىدىكى ئاشلىق ئامبىرى سانجى شەھىرى نىڭبيەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 23-يلى ( 1758-يىلى) قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىرغا قەدەر 250يىلدىن ئېشىپتۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى