باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بىر پۇقرالار تىك ئۇچار ئايروپىلانى گۇاڭجۇ نەنشا رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئادەم ئۆلگەن

2013.07.30 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گۇاڭجۇ نەنشا ساقچى تارماقلىرىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بىر پۇقرالار تىك ئۇچار ئايروپىلانى 29-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن نەنشا رايونى داگاڭ بازىرىدىكى بوش ئورۇنغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئادەم ئۆلگەن.

  7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 16 دە، خەلق ئاممىسى 110غا تېلېفون قىلىپ، بىر پۇقرالار تىك ئۇچارىنىڭ داگاڭ بازىرى شىنيى كەنتى جۇڭچۇەن بازىسى ئەتراپىدىكى بوش ئورۇنغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ساقچى دائىرىلىرى خەلق ساقچىلىرىنى نەخ مەيدانغا ئەۋەتكەن.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن يەردە ئوت كەتمىگەن، ئايروپىلاندىكى ئىككى كىشى شۇ يەردىلا ئۆلگەن، ئەتراپتىكى ئامما زەخمىلەنمىگەن. ھازىر ساقچى دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى