خەلق تورىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 24-ئىيۇل كەچتە ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى گالىزا ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى سانتىياگو دىكومپوستىلا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى 35كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 70كە يەتكەن.
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راخوي 24-ئىيۇل كەچتە پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە قازاقىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يارىلانغانلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى